ASP.NET دەرسلىكى

ASP.NET بىر خىل ئېچىش رامكىسى بولۇپ، HTML, CSS, JavaScript شۇنداقلا مۇلازىمىتىر تەگكودى ئارقىلىق توربەت ياكى توربېكەت قۇرىدۇ.

ASP.NET ئۈچ خىل ئېچىش ئۇسۇلىنى قوللايدۇ:

Web Pages MVC Web Forms
تاق بەت قېلىپى قېلىپ كۆرۈنۈش تىزگىنلىگۈچ ھادىسە قوزغاتقۇچ قېلىپى

Web Pages

ئەڭ ئاددىي ASP.NET قېلىپى.

PHP ۋە ASP گە ئوخشىشىپ قالىدۇ.

ئىچكى قىسىمدا ساندان، فىلىم، ئالاقە مېدىئا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان قېلىپ ۋە ياردەمچىلەر بەلگىلەنگەن.

MVC

MVC تور قوللىنىشچان پروگراممىسىنى ئۈچ خىل ئوخشىمىغان زاپچاسقا ئايرىيدۇ:

  • سانلىق ئۇچۇرغا قارىتىلغان مودېل
  • ئەمەلىي مىسالغا قارىتىلغان مودېل
  • كىرگۈزۈشكە قارىتىلغان كونتروللىغۇچ

Web Forms

ئەنئەنىۋىي ASP.NET ھادىسە قوزغاتقۇچنى ئېچىش مودېلى.

توربەتكە مۇلازىمىتىر كونترولى، مۇلازىمىتىر ھادىسىسى شۇنداقلا مۇلازىمىتىر كودىنى قوشىدۇ.

Web Pages دەرسلىكى

ئەگەر سىز ASP.NET پروگراممىسىنىڭ يېڭى ئۆگەنچىسى بولسىڭىز، Web Pages ناھايىتى ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى بولالايدۇ.

Web Pages دېگەن ASP.NET توربېكەت ئېچىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئېچىش مودېلى.

ئۇزدىل Web Pages دەرسلىكىمىزدە، قانداق قىلىپ Visual Basic ۋە C# نىڭ ئەڭ يېڭى Razor مۇلازىمىتىر بەلگە گرامماتىكىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگېنىپ، HTML, CSS, JavaScript بىلەن مۇلازىمىتىر كودىنى بىرلەشتۈرىمىز.

يەنە قانداق قىلىپ پروگراممىلىق Web Helpers نىڭ توربەتنى كېڭەيتكەنلىكىنى ئۆگېنىمىز، مەسىلەن ساندان، فىلىم رەسىم ۋە ئالاقە تورى قاتارلىقلار.

ASP.NET Web Pages ئۆگېنىشنى باشلاي !

MVC دەرسلىكى

MVC ئاساسلىق MVC (Model View Controller) لايىھەسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تور قوللىنىشچان پروگراممىسىنى قۇراشتۇرىدىغان بىر خىل مودېل.

ئەگەر سىز ئەنئەنىۋىي ASP.NET غا قارىغاندا تېخىمۇ يىنىك ئەندىزىگە ئېھتىياجلاىق بولسىڭىز MVC ناھايىتى ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

ئۇزدىل MVC دەرسلىكىمىزدە، قانداق قىلىپ يىنىك دەرىجىلىك ئېچىش مودېلى ئارقىلىق تور قوللىنىشچان پروگراممىسى قۇرۇشنى ئۆگېنىمىز، شۇنداقلا نۆۋەتتە بار بولغان بارلىق ASP.NET ئالاھىيدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرىمىز، مەسىلەن ئانا نەشىردىكى بەت (Master Pages)، بىخەتەرلىك (Security) شۇنداقلا دەلىللەش (Authentication).

ASP.NET MVC ئۆگېنىشنى باشلاي !

Web Forms دەرسلىكى

Web Forms دېگەن ئەنئەنىۋىي ASP.NET مودېلى بولۇپ، ھادىسە قوزغاتقۇچ ئاساسىدىكى Web Forms ۋە post backs دا قۇرۇلغان.

ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، ئاچقۇچىلار ASP.NET Web Forms نى ئىشلىتىپ دۇنيادىكى كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى توربېكەتلەرنى قۇردى.

ئەگەر سىز بۇ خىل ئۆتكەن 10 يىلدا كۆپلىگەن توربەت ئاچقۇچىلار ئىشلەتكەن مودېلنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بۇ دەرسلىك ناھايىتى ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

ASP.NET Web Forms ئۆگېنىشنى باشلاي !

دەرسلىكىمىز قايسى ئابونتلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ؟

يۇقارقى دەرسلىكلەر مىكروسوفتنىڭ ASP.NET سۇپىسىدا توربېكەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەمگە ماس كېلىدۇ، مەيلى شەخسىي بېكەت بولسۇن، ياكى ھازىرقى دەۋر سودا توربېكەتلىرى بولسۇن.

گەرچە سىز تور پروگراممىچىلىقىدا يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىزمۇ، بۇ دەرسلىكنى ئۆگېنىپ كېتەلەيسىز، ئەگەر HTML ۋە CSS نىڭ ئاساسىي بىلىملىرىدىن خەۋىرىڭىز بولسا تېخىمۇ ياخشى.

ئەگەر تەگكود تىلى (مەسىلەن JavaScript ۋە VB) دىن خەۋىرىڭىز بولسا، بۇ دەرسلىكنى ئۆگېنىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ.

VB ياكى #C نىڭ قايسىسىنى بەكرەك ياقتۇرىسىز؟ بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى تىلنى ئۆگېنىشنى خالامسىز؟ خوشخەۋەر: ئۇزدىل دەرسلىكىمىزدە، كۆپلىگەن ئەمەلىي مىساللاردا بۇ ئىككى خىل تىل بىللە تەمىنلەندى.

ئەگەر تېخىمۇ مول ASP.NET تەجرىبىسىگە ئىگە توربېكەت ئاچقۇچى بولۇشنى خالىسىڭىز، يەنىلا كۆپ مەنپەئەتلىنەلەيسىز، چۈنكى بۇ دەرسلىكلەردە كۆپ مىقداردا يېڭى ASP.NET ئۇقۇملىرى بار، مەسىلەن HTML5, CSS3, JQuery قاتارلىقلار.