ASP.NET Web Forms - دەرسلىك

ASP.NET كېيىنكى ئەۋلاد ASP بولۇپ، ھەرگىزمۇ ASP نىڭ يېڭىلانغان نەشىرى ئەمەس.

ئىگەللەشكە تېگىشلىك ئاساسىي بىلىملەر

بۇ دەرسلىكنى داۋاملىق ئۆگېنىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى بىلىملەردىن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك:

  • WWW, HTML شۇنداقلا توربېكەت قۇرۇلمىسى ئاساسىي بىلىملىرى
  • تەگكود تىلى. مەسىلەن JavaScript ياكى VBScript
  • مۇلازىمتىر تەگكودىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەر

بۇ تۈرلەرنى تېخى ئۆگەنمىگەن بولسىڭىز، باشبەت تىن بۇ دەرسىلىكلەرنى زىيارەت قىلىڭ.

ASP دېگەن نېمە؟

مىكروسوفتنىڭ بۇرۇنقى مۇلازىمىتىر بۆلىكى تەگكود تېخنىكىسى ASP (Active Server Pages) ھازىر كىلاسسىك ASP دەپ ئاتىلىدۇ.

ASP 3.0 دېگەن كىلاسسىك ASP نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەشىرى.

تېخىمۇ كۆپ ASP كە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇزدىل ASP دەرسلىكى نى كۆرۈڭ.

ASP.NET ھەرگىزمۇ ASP ئەمەس

ASP.NET كېيىنكى ئەۋلاد ASP، ھەرگىزمۇ ASP نىڭ يېڭىلانغان نەشىرى ئەمەس.

ASP.NET مۇلازىمىتىر بۆلىكى تەگكود پروگراممىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى. مىكروسوفت ئاستى قەۋەتتىن ASP.NET نى پۈتۈنلەي قايتىدىن يېزىپ چىقتى، ASP.NET كەينىگە قايتىپ ASP نى سىغدۇرالمايدۇ.

دەرسلىكىمىزنىڭ كېيىنكى بابىدا تېخىمۇ كۆپ ASP بىلەن ASP.NET پەرقىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگېنەلەيسىز.

ASP.NET مىكروسوفتنىڭ .NET رامكىسىنىڭ ئاساسىي قىسمى

ASP.NET دېگەن نېمە؟

ASP.NET بىر خىل مۇلازىمىتىر بۆلىكى تەگكود تېخنىكىسى بولۇپ، (توربەتكە سىغدۇرۇلغان) تەگكودنى Internet مۇلازىمىتىردا ئىجرا قىلالايدۇ.

  • ASP.NET بىر تۈرلۈك مىكروسوفت شېركىتى تېخنىكىسى
  • ASP دېگەن ھەرىكەتچان مۇلازىمىتىر بېتى (Active Server Pages)
  • ASP.NET بىر خىل IIS دا يۈرگۈزۈلىدىغان پروگرامما
  • IIS (Internet Information Services) مىكروسوفتنىڭ Internet مۇلازىمىتىرى
  • IIS دېگەن Windows servers مەشغۇلات سېستىمىسىغا ھەقسىز باغلانغان زاپچاس
  • IIS ھەم يەنە Windows 2000 ۋە XP كەسپىي نۇسخىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى

ASP.NET ھۆججىتى دېگەن نېمە؟

  • ASP.NET ھۆججىتى HTML ھۆججىتىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ
  • ASP.NET ھۆججىتى HTML، XML شۇنداقلا تەگكودنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
  • ASP.NET ھۆججىتىدىكى تەگكود مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولىدۇ
  • ASP.NET ھۆججىتىنىڭ ھۆججەت كەينى قوشۇلغۇچىسى ".aspx" بولىدۇ

ASP.NET قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

  • توركۆرگۈچ HTML ھۆججىتىگە ئىلتىماس يوللىغاندا، مۇلازىمىتىر بۇ ھۆججەتكە قايتىدۇ
  • توركۆرگۈچ ASP.NET ھۆججىتىگە ئىلتىماس يوللىغاندا، IIS بۇ ئىلتىماسنى مۇلازىمىتىردىكى ASP.NET ماتورىغا يوللاپ بېرىدۇ
  • ASP.NET ماتورى بۇ ھۆججەتنى قۇرمۇ قۇر ئوقۇپ چىقىپ، ھۆججەتتىكى تەگكودنى ئىجرا قىلىدۇ
  • ئەڭ ئاخىرىدا، ASP.NET ھۆججىتى ساپ HTML شەكلىدە توركۆرگۈچكە قايتىدۇ

ASP+ دېگەن نېمە؟

ASP+ بىلەن ASP.NET تەڭ قىممەتلىك.

ASP+ دېگەن مىكروسوفت ASP.NET نى ئېچىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا ئىشلەتكەن ئىسىم.

مىكروسوفت .NET رامكىسى

.NET رامكىسى مىكروسوفت .NET سۇپىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى.

.NET رامكىسى تور قوللىنىشچان پروگراممىسى ۋە تور مۇلازىمىتىنى قۇرىدىغان، ئاچىدىغان ۋە يۈرگۈزىدىغان بىر خىل مۇھىت.

مىكروسوفتنىڭ بىرىنجى خىل مۇلازىمتىر تېخنىكىسى ASP (Active Server Pages)، بىر خىل كۈچلۈك ئىلاستىكىلىق «پروگرامما تىلى». بىراق ئۇ بەكلا كودقا يۈزلەنگەن بولغاچقا، قوللىنىشچان پروگرامما رامكىسى ھېسابلانمايدۇ، ھەمدە كارخانا دەرىجىسىدىكى ئېچىش قورالى بولالمايدۇ.

مىكروسوفتنىڭ .NET رامكىسىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى دەل بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن.

.NET رامكا ھالقىلىق سۆزلىرى:

  • تېخىمۇ تېز ۋە ئاسان پروگراممىلاش
  • كود مىقدارىنى ئازايتىش
  • باياناتلىق پروگراممىلاش مودېلى
  • تېخىمۇ مول مۇلازىمەت باشقۇرۇش ھادىسە قەۋىتى
  • تېخىمۇ چوڭ تىپ ئامبىرى
  • تېخىمۇ ياخشى ئېچىش قورالى قوللىشى

.NET رامكىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان3 مۇھىم قىسىم:

پروگرامما تىلى:

  • C# (Pronounced C sharp)
  • Visual Basic (VB .NET)
  • J# (Pronounced J sharp)

مۇلازىمىتىر تېخنىكىسى ۋە خېرىدار ئېغىزى تېخنىكىسى:

  • ASP .NET (Active Server Pages)
  • Windows Forms (Windows desktop solutions)
  • Compact Framework (PDA / Mobile solutions)

ئېچىش مۇھىتى:

  • Visual Studio .NET (VS .NET)
  • Visual Web Developer

بۇ دەرسلىكتە سۆزلەنگىنى ASP.NET بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن.

ASP.NET 2.0

ASP.NET 2.0 كۆپلىەەن يېڭى ئالاھىيدىلىكلەرنى قوللاشنى قوشۇش ئارقىلىق ASP.NET قا نىسبەتەن ئىلغارلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

بۇ دەرسلىكنىڭ كېيىنكى بابىدا، تېخىمۇ كۆپ ASP.NET 2.0 بىلەن ASP.NET نىڭ پەرقىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگېنەلەيسىز.

ASP.NET 3.0

ASP.NET 3.0 ھەرگىزمۇ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ASP.NET ئەمەس. ئۇ پەقەت يېڭى ASP.NET 2.0 رامكا ئامبىرىنىڭ ئىسمى، خالاس. بۇ رامكا تۆۋەندىكىلەرنى قوللايدۇ:

  • Windows Presentation Foundation
  • Windows Communication Foundation
  • Windows Workflow Foundation;
  • Windows CardSpace

ئىزاھات: بۇ دەرسلىك ASP.NET 3.0 كە چېتىلمايدۇ.