ASP.NET پايدىلىنىش قوللانمىسى

ئۇزدىل تورىدا مۇكەممەل ASP.NET مۇلازىمىتىر كونتروللىرى پايدىلىنىش قوللانمىسى تەمىنلەندى.

HTML مۇلازىمىتىر كونتروللىرى

ASP.NET ھۆججىتىدىكى HTML ئېلمىنتلىرى تېكىست سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئېلمىنتلارنى پروگراممىلاش ئۈچۈن HTML ئېلمىنتىگە runat="server" خاراكتېرىنى قوشۇش كېرەك. بۇ خاراكتېر ئېلمىنتنى مۇلازىمىتىر كونترولى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشقا توغرىلايدۇ.

ئىزاھات: بارلىق HTML مۇلازىمىتىر كونتروللىرى چوقۇم runat="server" خاراكتېرلىق <form> خەتكۈچى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

ئىزاھات: ASP.NET بارلىق HTML ئېلمىنتلىرىنى توغرا تاقاش ۋە سىغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

HTML مۇلازىمىتىر كونترول پايدىلىنىش قوللانمىسى

تور مۇلازىمىتىر كونترولى

HTML مۇلازىمىتىرى كونترولىغا ئوخشاش تور مۇلازىمىتىر كونترولىمۇ مۇلازىمىتىردا قۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا runat="server" خاراكتېرى بولغاندا ئاندىن خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما، تور مۇلازىمىتىر كونترولى ئەسلىدە بار بولغان ھەرقانداق HTML ئېلمىنتىغا ئەكىس ئەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلار تېخىمۇ مۇرەككەپ ئېلمىنتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بىر تور مۇلازىمىتىر كونترولى قۇرۇشنىڭ گىرامماتىكىسى:

<asp:control_name id="some_id" runat="server" />

تور مۇلازىمىتىر كونترول پايدىلىنىش قوللانمىسى

Validation مۇلازىمىتىر كونترولى

Validation مۇلازىمىتىر كونترولى كىرگۈزۈش كونترولىدىكى سانلىق ئۇچۇرلارنى دەلىللەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر سانلىق ئۇچۇر دەلىللەشتىن ئۆتەممىسە، ئابونتقا خاتالىق ئەسكەرتىش ئۇچۇرى يوللايدۇ.

Validation مۇلازىمىتىر كونترولى قۇرۇشنىڭ گىرامماتىكىسى:

<asp:control_name id="some_id" runat="server" />

Validation مۇلازىمىتىر كونترول پايدىلىنىش قوللانمىسى