ASP.NET MVC - دەرسلىك

ASP.NET بىر خىل ئېچىش رامكىسى بولۇپ، HTML، CSS، JavaScript شۇنداقلا مۇلازىمىتىر تەگكودى ئارقىلىق توربەت ۋە توربېكەت قۇرىدۇ.

ASP.NET ئۈچ خىل ئېچىش مودېلىنى قوللايدۇ:

Web Pages، MVC (Model View Controller) شۇنداقلا Web Forms.

بۇ دەرسلىكتە MVC سۆزلىنىدۇ.

Web Pages MVC Web Forms

MVC پروگرامما مودېلى

MVC ئۈچ خىل ASP.NET ئېچىش مودېلىنىڭ بىرى.

MVC مودېلى تور قوللىنىشچان پروگراممىسى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل رامكا بولۇپ، MVC (Model View Controller) ئارقىلىق لايىھەلىنىدۇ:

  • Model (قېلىپ) قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ يادروسىنى ئىپادىلەيدۇ (مەسىلەن ساندان خاتىرە تىزىملىكى)
  • View (كۆرۈنۈش)سانلىق ئۇچۇر (ساندان خاتىرىسى) نى كۆرسىتىش
  • Controller (تىزگىنلىگۈچ) كىرگۈزۈش (ساندان خاتىرىسى يېزىش)نى كۆرسىتىش

MVC مودېلى بىرلا ۋاقىتتا HTML، CSS شۇنداقلا JavaScript قا قارىتا مۇكەممەل تىزگەنلەشنى تەمىنلەيدۇ.

MVC مودېلى ئۈچ لوگىكا قەۋىتى ئارقىلىق تور قوللىنىشچان پروگراممىسىغا ئېنىقلىما بېرىدۇ:

  • business layer (كەسىپ قەۋىتى، قېلىپ لوگىكىسى)
  • display layer (كۆرسىتىش قەۋىتى، كۆرۈنۈش لوگىكىسى)
  • input control (كىرگۈزۈش كونترولى، تىزگىنلىگۈچ لوگىكىسى)
قېلىپ (Model)

قېلىپ (Model) قوللىنىشچان پروگراممىدىكى قوللىنىشچان پروگرامما سانلىق ئۇچۇر لوگىكىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قىسمى.

ئادەتتە قېلىپ ئوبېكتى سانداندا سانلىق ئۇچۇرنى ئوقۇپ ساقلايدۇ.

View (كۆرۈنۈش)

View (كۆرۈنۈش) قوللىنىشچان پروگراممىدا سانلىق ئۇچۇرنى كۆرسىتىش قىسمىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئادەتتە قېلىپ سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرۈنۈش قۇرىدۇ.

تىزگىنلىگۈچ

تىزگىنلىگۈچ قوللىنىشچان پروگراممىدا ئابونت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان قىسمىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئادەتتە تىزگىنلىگۈچ كۆرۈنۈشتىن سانلىق ئۇچۇر، ئابونت كىرگۈزۈش كونترولى ۋە قېلىپقا يوللانغان سانلىق ئۇچۇرنى ئوقۇيدۇ.

MVC نىڭ بۇنداق پارچىلىشى مۇرەككەپ پروگراممىلارنى باشقۇرۇشىمىزغا قولايلىق، چۈنكى بىرلا ۋاقىتتا سىز بىرلا تەرەپكە دىققىتىڭىزنى يىغالايسىز. مەسىلەن: كەسىپ لوگىكىسىغا بېقىنغان ئەھۋالدا كۆرۈنۈشنى لايىھەلىيەلەيسىز. بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىشچان پروگراممىنى لايىھەلەش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.

MVC نىڭ بۇنداق پارچىلىشى بىرلا ۋاقىتتا گۇرۇپپىغا ئايرىپ ئېچىشنى ئاسانلاشتۇردى. ئوخشىمىغان ئاچقۇچى خادىملار بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈنۈش، تىزگىنلىگۈچ لوگىكىسى ۋە كەسىپ لوگىكىسىنى ئاچالايدۇ.

Web Forms vs MVC

MVC پروگرامما مودېلى ئەنئەنىۋىي ASP.NET (Web Forms) غا نىسبەتەن تېخىمۇ يىنىك دەرىجىدىكى ھەل قىلىش ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يىنىك دەرىجىدىكى يۇقىرى مۆلچەرلەشچانلىققا ئىگە رامكا، شۇنداقلا ھازىر بار بولغان بارلىق ASP.NET ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، مەسىلەن قېلىپ بېتى، بىخەتەرلىك ۋە تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش.

Visual Studio Express 2012/2010

Visual Studio Express دېگىنىمىز Microsoft Visual Studio نىڭ ھەقسىز نەشىرى.

Visual Studio Express دېگەن MVC (شۇنداقلا Web Forms) ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئېچىش قورالى.

Visual Studio Express تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • MVC ۋە Web Forms
  • تور كونترولى ۋە زاپچاسلىرىنى سۆرەپ يۆتكەش
  • تور مۇلازىمىتىر تىلى (Razor تىلى VB ۋە C# نى ئىشلىتىدۇ)
  • تور مۇلازىمىتىرى (IIS Express)
  • ساندان مۇلازىمىتىرى (SQL Server Compact)
  • مۇكەممەل تور ئېچىش رامكىسى (ASP.NET)

Visual Studio Express نى قاچىلىغان بولسىڭىز، بۇ دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلىنەلەيسىز.

Visual Studio Express نى قاچىلىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ:

Visual Web Developer 2012 (Windows 7 ياكى Windows 8)

Visual Web Developer 2010 (Windows Vista ياكى XP)

تۇنجى قېتىم Visual Studio Express نى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۇ قاچىلاش پروگراممىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىجرا قىلىپ ياماق ۋە مۇلازىمەت بولىقىنى قاچىلايدۇ. ئۇلىنىش ئادرىسىنى قايتا بېسىڭ.

ASP.NET MVC پايدىلىنىش قوللانمىسى

دەرسلىكنىڭ ئاخىرىدا مۇكەممەل ASP.NET MVC پايدىلىنىش قوللانمىسى تەمىنلىدۇق.