ASP.NET Web Pages - دەرسلىك

ASP.NET بىر ئېچىۋېتىلگەن رامكا بولۇپ، HTML، CSS، JavaScript شۇنداقلا مۇلازىمىتىر تەگكودى ئارقىلىق توربەت ياكى توربېكەت قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ASP.NET ئۈچ خىل ئېچىۋېتىلگەن مودېلنى قوللايدۇ:

Web Pages، MVC (Model View Controller) شۇنداقلا Web Forms.

بۇ دەرسلىك ئارقىلىق WEB PAGES نى ئۆگېنەلەيسىز.

Web Pages MVC Web Forms

قەيەردىن ئىش باشلايمىز؟

كۆپ قىسىم ئاچقۇچىلار ئۈلگە مىساللارنى ئوقۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگېنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

Web Pages ئۈلگە مىساللىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز Web Pages ئۈلگە مىساللىرى نى زىيارەت قىلىڭ.

«كود يۈرگۈزۈش» ئارقىلىق ئۆگېنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ

بىزنىڭ «كود يۈرگۈزۈش» ئىقتىدارىمىز Web Pages ئۆگېنىش قېيىنلىقىنى كۆپ ئاسانلاشتۇرىدۇ.

بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ASP.NET كودىنى كۆرۈپ يۈرگۈزەلەيمىز، ھەمدە HTML شەكلىدە چىقىرالايمىز.

«كود يۈرگۈزۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۇنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ:

Web Pages ئۈلگە مىسالى

<html>
<body>
     <h1>Hello Web Pages</h1>
     <p>The time is @DateTime.Now</p>
</body>
</html>

كود يۈرگۈزۈش

Web Pages دېگەن نېمە؟

Web Pages ئۈچ خىل ASP.NET پروگرامما مودېلىنىڭ بىرى بولۇپ، ASP.NET تور بېكىتى ۋە تور قوللىنىشچان پروگراممىسى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قالغان ئىككى خىل پروگرامما مودېلى Web Forms ۋە MVC (Model, View, Controller).

Web Pages ئەڭ ئاددىي ASP.NET توربەت ئېچىش پروگرامما مودېلى. ئۇ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق HTML، CSS، JavaScript شۇنداقلا مۇلازىمىتىر كودىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەمىنلەيدۇ:

  • ئۆگېنىش، ئوقۇش ۋە ئىشلىتىشكە ئاسان
  • يەككە بىر توربەتنى چۆرىدەپ قۇرۇلمىلاش
  • PHP ۋە ASP كە ئوخشىشىدۇ
  • مۇلازىمىتىر تەگكودى Visual Basic ياكى C# ئىشلىتىدۇ
  • HTML، CSS، JavaScript كە قارىتا تولۇق باشقۇرۇش

Web Pages پروگراممىلاشقان Web Helpers كېڭەيتىش ئېلىپ بارىدۇ، ساندان، فىلىم، رەسىم ۋە ئالاقە تورى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Web Pages دەرسلىكى

ئەگەر سىز ASP.NET يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا Web Pages ناھايىتى ياخشى قول سالىدىغان ئورۇن نۇقتا بولالايدۇ.

ئۇزدىل Web Pages دەرسلىكىدە، قانداق قىلىپ Visual Basic ۋە C# نىڭ ئەڭ يېڭى Razor مۇلازىمىتىرى بەلگە گرامماتىكىسى ئارقىلىق، HTML، CSS، JavaScript بىلەن مۇلازىمىتىر كودىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆگېنىسىز.

يەنە قانداق قىلىپ Web Helpers ئارقىلىق توربەتنى كېڭەيتىشنى ئۆگېنەلەيسىز، بۇلار ساندان، فىلىم، رەسىم ۋە ئالاقە تورى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Web Pages ئۈلگە مىساللىرى

ئۈلگە مىسال ئارقىلىق ئۆگېنىڭ!

چۈنكى ASP.NET كودى مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولىدۇ، شۇڭا توركۆرگۈچنىڭ ئەسلى كودىنى كۆرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق كۆرەممەيسىز. كۆرەلەيدىغىنىڭىز پەقەت چىقىرىلغان ساپ HTML.

ئۇزدىل تورىدا، ھەربىر ئۈلگە مىسالنىڭ يوشۇرۇنغان ASP.NET كودى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىشىۋېلىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ.

Web Pages ئۈلگە مىساللىرى

Web Pages پايدىلىنىش قوللانمىسى

ئۇزدىل دەرسلىكىدە يەنە مۇكەممەل ASP.NET پايدىلىنىش قوللانمىسى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئوبېكىت، زاپچاس، خاراكتېر ۋە ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Web Pages پايدىلىنىش قوللانمىسى

WebMatrix نى ئىشلىتىمىز

ئۇزدىل دەرسلىكىمىزدە WebMatrix نى ئىشلىتىمىز.

WebMatrix ئاددىي ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەقسىز ASP.NET ئېچىش قورالى بولۇپ، مىكروسوفت مەخسۇس Web Pages ئۈچۈن لايىھەلىگەن.

WebMatrix تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • Web Pages ئۈلگە مىسال ۋە قېلىپلىرى
  • تور مۇلازىمىتىر تىلى (VB ياكى C# نىڭ Razor نى ئىشلىتىدۇ)
  • تور مۇلازىمىتىرى (IIS Express)
  • ساندان مۇلازىمىتىرى (SQL Server Compact)
  • مۇكەممەل تور ئېچىش رامكىسى (ASP.NET)

WebMatrix ئارقىلىق، باشتىن باشلاپ قۇرۇق بېكەت ياكى قۇرۇق توربەت قۇرالايسىز، ياكى "Web Application Gallery" ئارقىلىق ئوچۇق كودلۇق قوللىنىشچان پروگرامما قۇرالايسىز. PHP ۋە ASP.NET قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەسىلەن Umbraco, DotNetNuke, Drupal, Joomla, WordPress قاتارلىقلار. WebMatrix تا يەنە بىخەتەرلىك، ئىزدەش ماتورىنى ئاكتىپلاش ۋە توربەت ئېلان قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى قىسىمدا قۇرۇلغان قوراللار بار.

WebMatrix ئارقىلىق ئاچقان ئىقتىدار ۋە كودلار ئارقىلىق يوچۇقسىز ھالدا كەسىپىي ASP.NET قوللىنىشچان پروگراممىسىغا ئايلاندۇرالايسىز.

WebMatrix ئىشلەتمەكچى بولىسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ:

https://www.microsoft.com/web/webmatrix