توركۆرگۈچ ئۇچۇرى

توربېكەت ئاچقۇچى خادىمغا نىسبەتەن توركۆرگۈچ ئۇچۇرى ۋە سىتاستىكا سانلىق ئۇچۇرى ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.

مۇندەرىجە

Internet Explorer
Internet Explorer
مىكروسوفت شېركىتى تۈزگەن Internet Explorer نۆۋەتتىكى ئەڭ مودا ئېنتېرنىت توركۆرگۈچىسى. ئۇ 1995.يىلى ئېلان قىلىنىپ، 1998.يىلى ئىشلەتكۈچى سانى Netscape دىن ئېشىپ كەتكەن.
Netscape
Netscape
Netscape تۇنجى تاۋارلاشقان ئېنتىرنىت توركۆرگۈچىسى. ئۇ 1994 .يىلى ئېلان قىلىنىپ، IE نىڭ رىقابەتلىشىشى نەتىجىسىدە بازار ئۈلۈشىنى تەدرىجىي تارتقۇزۇپ قويدى.
Mozilla
Mozilla
Mozilla تۈرى Netscape ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. بۈگۈن Mozilla ئاساسىدىكى توركۆرگۈچ ئېنتىرنىتتىكى ئىككىنجى چوڭ توركۆرگۈچ جەمەتى بولۇپ، بازار ئۈلۈشىنىڭ تەخمىنەن 20% نى ئىگەللىدى.
Firefox
Firefox
Firefox ئىلگىرىكى Mozilla دىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن يېڭى تىپتىكى توركۆرگۈچ. ئۇ 2004 .يىلى بارلىققا كېلىپ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
Opera
Opera
Opera نورۋېىگىيەلىكلەر ئىجاد قىلغان ئېنتېرنىت توركۆرگۈچىسى. ئۇ سۈرئىتى تېز ئەپچىل، سانائەت ئۆلچىمىگە لايىقلاشقان، كۆپ خىل مەشغۇلات سېستىمىسىغا ماسلىشىتەك ئالاھىيدىلىكلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. يانفون ياكى تاختا كومپىيۇتېرغا ئوخشاش كىچىك تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرگە نىسبەتەن Opera شۈبھىسىز ئالدىن ئويلىشىدىغان توركۆرگۈچ ھېسابلىنىدۇ.
chrome
Chrome
Chrome ئوچۇق كودلۇق توركۆرگۈچ، ئۇ Google تەرىپىدىن ئېچىلغان. بۇ توركۆرگۈچ 2008 .يىلى 9 .ئايدا ئېلان قىلىنغان.
Safari
Safari
Safari ئالما شېركىتى ياسىغان توركۆرگۈچ بولۇپ، Mac ۋە Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ توركۆرگۈچ 2003 .يىلى 6.ئايدا ئېلان قىلىنغان.