E4X دەرسلىكى

E4X دېگەن JavaScript نىڭ يېڭى كېڭەيتىلمىسى.

E4X ئۆلچىمى JavaScript كە XML نى بىۋاستە قوللاشنى رەسمىي تۈردە قوشتى.

E4X ھەقىقىي JavaScript ئۆلچىمى.

بۇندىن بۇرۇن بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر:

بۇ دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى ئۆگېنىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىلىملەردىن بەلگىلىك ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.

  • HTML
  • JavaScript
  • XML

يۇقارقىلارنى تېخى ئۆگەنمىگەن بولسىڭىز باشبەت كە قايتىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

JavaScript = ECMAScript

ECMAScript دېگەن JavaScript نىڭ رەسمىي قويۇلغان ئىسمى.

ECMAScript بىلەن JavaScript ئوخشاش قىممەتلىك.

ECMA ياۋروپا كومپىيۇتېر سانائىتى جەمئىيتى JavaScript نى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى.

E4X = JavaScript for XML

E4X نىڭ مەنىسى XML نى قوللايدىغان ECMAScript (ECMAScript For XML). ئۇ ECMAScript نىڭ يېڭى كېڭەيتمە ئۆلچىمى.

شۇڭا ئەمەلىي تۇرمۇشتا E4X نىڭ مەنىسى «XML نى قوللايدىغان JavaScript» دېگەنلىكتۇر. يەنى JavaScript for XML.

XML نى JavaScript نىڭ ئوبېكتى قىلىدۇ

E4X ئۆلچىمى XML نى قوللايدىغان JavaScript ئۆلچىمىنى رەسمىي تۈردە قوشتى.

E4X ئارقىلىق ئەسلىدىكى چىسلا ۋە سانلار گۇرۇپپىسىغا بايانات ئېلان قىلغاندەك XML ئوبېكتى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلىرىغا بايانات ئېلان قىلالايمىز

var x = new XML()

var y = new Date()

var z = new Array()

E4X ئۆلچىمى XML غا قاراتقان JavaScript قۇرۇشنى ناھايىتى ئاسانلاشتۇردى.

كېيىنكى بابتا سىز ئۈچۈن بىر قىسىم ئۈلگە مىساللارنى تەمىنلىدۇق.

E4X تور ئۆلچىمى

ECMA-262 (JavaScript 1.3) ئۆلچىمى 1999 .يىلى 11 ئايدا رەسمىي ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىلگەن.

E4X ئۆلچىمى XML نى بىۋاستە قوللايدىغان كېڭەيتمىنى JavaScript غا رەسمىي تۈردە قوشتى.

ECMA-357 (E4X) ئۆلچىمى 2004 .يىلى 6 .ئايدا ئۆلچەم بولۇپ بېكىتىلگەن.

ECMA International

ECMA خەلقئارا جەمئىيتى 1961 .يىلى قۇرۇلغان.

ECMA تەشكىلاتى ئۇچۇر ئالاقە تېخنكىسى ICT ۋە ئىستىمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتى CE نى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ.

ECMA تۆۋەندىكى ئۆلچەملەرنى بېكىتتى

  • JavaScript
  • C# پروگرامما تىلى
  • International Character Sets (خەلقئارالىق ھەرپلەر توپلىمى)
  • Optical Disks (نۇردېسكا)
  • Magnetic Tapes (ماگېنتلىق لىنتا)
  • Data Compression (سانلىق ئۇچۇر پىرىسلاش)
  • Data Communication (سانلىق ئۇچۇر ئالاقىسى)
  • باشقىلار