سېمانتىكىلىق تور

سېمانتىكىلىق تور = مەلۇم مەنا ئىپادىلەيدىغان تور

«ئەگەر HTML ۋە توربەت پۈتكۈل تور ھۆججەتلىرىنى غايەت زور كىتاب قا ئايلاندۇردى دېسەك، ئۇنداقتا RDF ، schema ۋە inference languages دۇنيادىكى بارلىق سانلىق ئۇچۇرلارنى غايەت زور ساندان غا ئايلاندۇردى.»

--- Tim Berners-Lee, Weaving the Web, 1999

سېمانتىكىلىق تور دېگەن نېمە؟

semantic (سېمانتىكىلىق) دېگەن بۇ سۆز مەنىلىك ياكى مۇناسىۋەتلىك دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

سېمانتىكىلىق تور كومپىيۇتېر چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئىپادىلەيدىغان تور دېگەنلىكتۇر.

  • قاسراقلىق قۇرت مۇزىكا ئەترىتى لىۋېرپۇلدىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتى.
  • جون لېنون (John Winston Lennon) قاسراقلىق قۇرت مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى.
  • «Hey Jude» ناملىق پىلاستىنكا قاسراقلىق قۇرت ئەترىتى تەرىپىدىن ئۈنگە ئېلىنغان.

بۇنىڭغا ئوخشاش جۈملىلەرنى ئىنسانلار چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما قانداق قىلغاندا كومپىيۇتېرلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟

بايان جۈملە گرامماتىكا قائىدىسى ئارقىلىق تەشكىللەنگەن. بىر خىل تىلنىڭ گرامماتىكىسى مۇشۇ تىلدىكى باياننىڭ ئېھتىياجلىق قائىدىسىگە ئېنىقلىما بېرىدۇ.

بۇ سېمانتىكىلىق تور مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيتى - كومپىيۇتېر قوللىنىشچان پروگراممىسى چۈشىنىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئىپادىلەش.

سېمانتىكىلىق تور بىلەن توربەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.

سېمانتىكىلىق تورنىڭ شەرھىيلەيدىغىنى شەيئىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت (مەسىلەن A بولسا B نىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا Y بولسا Z نىڭ ئەزاسى) شۇنداقلا شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى (مەسىلەن رازمېر، ئېغىرلىق، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە باھا قاتارلىقلار).

بايلىق ئىپادىلەش رامكىسى

RDF(بايلىق ئىپادىلەش رامكىسى Resource Description Framework) توردىكى ئۇچۇر ۋە بايلىقلارنى شەرھىيلەيدىغان بەلگە تىلى.

ئۇچۇرنى RDF ھۆججىتىگە توغرىلىساق، بۇ ئۇچۇرلار كومپىيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق ("web spiders") توردىن ئىزدەش، بايقاش، ئېلىش، تاللاش، ئانالىزلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بارىدۇ.

سېمانتىكىلىق تور RDF ئارقىلىق تور بايلىقلىرىنى شەرھىيلەيدۇ.

RDF كە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز ئۇزدىل «RDF دەرسلىكى» نى كۆرۈڭ

سېمانتىكىلىق تورنى قانداق ئىشلىتىمىز؟

ئەگەر مۇزىكا، ماشىنا، كىرىش بېلىتى (ياكى باشقا خالىغان نەرسە) گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر RDF ھۆججىتىدە ساقلانسا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور قوللىنىشچان پروگراممىسى ئۇچۇرلارنى ئوخشىمىغان مەنبەدىن ئېلىپ بېرىكتۈرۈپ مەلۇم مەنىگە ئىگە ئۇچۇرغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئابونتلارغا يوللاپ بېرىدۇ.

تۆۋەندىكىلەرگە ئوخشىشىدىغان مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار:

  • ئوخشىمىغان ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ قولىدىكى ماشىنا باھاسى
  • دورا ئۇچۇرى
  • ئاۋىئاتسىيە ۋاقىت جەدۋىلى
  • سانائەت زاپچاسلىرى
  • كىتاب (باھا، بەت سانى، تەھرىر، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى) ئۇچۇرلىرى
  • مەلۇم بىرسى كىم
  • ھادىسىنىڭ چىسلاسى
  • يۇمشاق دېتال يېڭىلىنىشى

سېمانتىكىلىق تور تېخنىكىسىنى چۈشىنىش ئاسانمۇ؟

سېمانتىكىلىق تور تېخنىكىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكا ئەمەس.

ئۆگېنىش ئەگرى سىزىقى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. RDF لوگىكا ئىلمى ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئارقا كۆرۈنۈشى بار كىشىلەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. ئادەتتىكى ئاچقۇچى خادىملارغا نىسبەتەن ئۇنى چۈشىنىش ئۇنچە ئاددىي ئىش ئەمەس.

RSS سېمانتىكىلىق تورنىڭ قوللىنىشچان پروگراممىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان تىل. RSS كە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز ئۇزدىل «RSS دەرسلىكى» نى كۆرۈڭ.

كېيىنكى مەزمۇن دەرسلىكىمىزدە RDF ئىشلىتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا سېمانتىكىلىق تورنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى بايقايمىز.

كېيىنكى مەزمۇن دېگەننى باسسىڭىز ئاددىي سېمانتىكىلىق تور قوللىنىشچان ئۈلگە مىسالىنى كۆرىسىز.