TCP/IP دەرسلىكى

TCP/IP ئېنتىرنىتنىڭ ئۇچۇر ئالاقە كېلىشىمى

دەرسلىكىمىزدە TCP/IP بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئۆگېنىمىز.

TCP/IP ئۆگېنىشنى باشلاي !

TCP/IP ئېنتىرنىتنىڭ ئۇچۇر ئالاقە كېلىشىمى

ئۇچۇر ئالاقە كېلىشىمى كومپىيۇتېر چوقۇم ئەمەل قىممىسا بولمايدىغان قائىدىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلغاندىلا كومپىيۇتېرلار ئارا ئالاقە قىلالايدۇ.

توركۆرگۈچ بىلەن مۇلازىمىتىر ئوخشاشلا TCP/IP نى ئىشلىتىدۇ

ئېنتېرنىت توركۆرگۈچى ۋە مۇلازىمىتىر ئوخشاشلا TCP/IP ئارقىلىق ئېنتىرنىتقا ئۇلىنىدۇ. توركۆرگۈچ TCP/IP ئارقىلىق مۇلازىمىتىرنى زىيارەت قىلىدۇ، مۇلازىمىتىر TCP/IP ئارقىلىق توركۆرگۈچكە HTML نى قايتۇرىدۇ.

ئېلخەتمۇ TCP/IP ئىشلىتىدۇ

ئېلخەت پروگراممىسى TCP/IP ئارقىلىق ئېنتېرنىتقا ئۇلانسا ئاندىن ئېلخەت قوبۇللاپ يوللىيالايدۇ.

ئېنتېرنىت ئادرىسىمۇ TCP/IP ئىشلىتىدۇ

سىزنىڭ ئېنتىرنىت ئادرىسىڭىز 110.153.13.6 مۇ ئۆلچەملىك TCP/IP كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.