بېكەت قۇرۇش ئاساسىي دەرسلىكى

ھەرقانداق توربەت ياسىغۇچى تۆۋەندىكى بىلىملەرنى چوقۇم بىلىشى كېرەك:

  • ئېنتېرنىت قانداق خىزمەت قىلىدۇ
  • HTML تىلى
  • قەۋەتسىمان ئۇسلۇب جەدۋىلى CSS نى ئىشلىتىش
  • JavaScript پروگراممىسى
  • XML ئۆلچىمى
  • مۇلازىمىتىر تەگكود تېخنىكىسى
  • SQL ئارقىلىق ساندان باشقۇرۇش

WWW - ئېنتېرنىت

WWW دۇنيا كومپىيۇتېر تورى. WWW كۆپىنچە توربەت ياكى تور دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

توردىكى كومپىيۇتېرلار ئۆلچەملىك كېلىشىمنامە ۋە تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدۇ.

W3C ئاساسلىق توردا ئىشلىتىلىدىغان قائىدە ۋە ئۆلچەملەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

ئېنتىرنىتتىن ئاساسى دەرسلىكىنى ئۆگېنىشنى باشلاي

HTML - تور تىلى

HTML ئەڭ ئاساسىي تور تىلى بولۇپ، ھەر بىر توربەتچى چوقۇم ئۆگېنىشى شەرت.

HTML نىڭ خەتكۈچلىرى ئارقىلىق توربەت مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئېنىقلىما بېرەلەيسىز.

<h1> ماۋزۇغا ئېنىقلىما بەرسە، <p> ئابزاسقا ئېنىقلىما بېرىدۇ.

HTML دىن ئاساس دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى تولۇق نۇسخىدىكى HTML دەرسلىكىنى ئۆگېنەي

CSS - قەۋەتسىمان ئۇسلۇب جەدۋىلى

ئۇسلۇب جەدۋىلى HTML ئېلمىنتلىرىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىدۇ.

ئۇسلۇب ھۆججىتى ئايرىم ساقلانسا، پەقەت CSS ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا بارلىق HTML بەتنىڭ ئۇسلۇب ۋە كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

بۇندىن بۇرۇن بارلىق تور بەتلەردىكى ماۋزۇنىڭ خەت نۇسخىسى ۋە رەڭگىنى بىراقلا ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز CSS نىڭ خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئاسانلا ھىس قىلالايسىز.

CSS تىن ئاساس دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى تولۇق نۇسخىدىكى CSS دەرسلىكىنى ئۆگېنەي

JavaScript - ئابونت بۆلىدىكىدىكى تەگكود

JavaScript ئابونت بۆلىكىنى تەگكودلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تور كۆرگۈچ پروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ.

JavaScript نى ئۆگېنىش ناھايىتى زۆرۈر، شۇندىلا ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتچان تور بېكەت قۇرالايسىز.

document.write("<p>" + date + "</p>");

يۇقارقىغا ئوخشايدىغان بىر JavaScript جۈملىسى HTML بەتكە ھەرىكەتچان تېكىست يازالايدۇ.

JavaScript تىن ئاساس دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى تولۇق نۇسخىدىكى JavaScript دەرسلىكىنى ئۆگېنەي

XML - كېڭەيتىلگەن بەلگە تىلى

XML تىلى HTML نىڭ ئورنىنى دەسسىيەلمەيدۇ. XML سانلىق ئۇچۇرنى شەرھىلەش ۋە يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ، HTML ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ.

XML ۋە بىر يۈرۈش XML ئۆلچىمى تېز سۈرئەتتە سانلىق ئۇچۇر يوللاش، ساقلاش ۋە مەشغۇلاتىنىڭ كۆپ قوللىنىدىغان قورالىغا ئايلاندى.

XML دىن ئاساس دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى تولۇق نۇسخىدىكى XML دەرسلىكىنى ئۆگېنەي

مۇلازىمىتىر بۆلىكىنى تەگكودلاشتۇرۇش

مۇلازىمىتىر بۆلىكىنى تەگكودلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىر بۆلىكىدە پروگرامما تۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتچان تور بېكەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمىتىر بۆلىكىنى تەگكودلاشتۇرۇشنى ئۆگېنىش ناھايىتى زۆرۈر.

مۇلازىمىتىر بۆلىكىدە پروگرامما تۈزۈ ئارقىلىق سانداننى زىيارەت قىلىپ تور كۆرگۈچكە نەتىجىسىنى قايتۇرالايمىز، بۇ كۆپلىگەن مۇلازىمىتى بۆلىكىدىكى تەگكود قوللىنىشچان دېتالىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى.

مۇلازىمىتىر تەگكودىدىن ئاساس دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى مۇكەممەل ASP دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى مۇكەممەل PHP دەرسلىكىنى ئۆگېنەي

SQL ئارقىلىق توربېكەت سانلىق ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش

قۇرۇلمىلىق ئىزدەش تىلى (SQL) كۆپلىگەن SQL Server ، Oracle ، Sybase ۋە Access قاتارلىق ساندانلارنى باشقۇرۇش ئورتاق ئۆلچىمى.

توربېكەت باشقۇرغۇچىلىرى SQL نى پۇختا بىلگەندىلا سانداندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ياخشى قوغدىيالايدۇ.

SQL دىن ئاساس دەرسلىكىنى ئۆگېنەي ياكى تولۇق نۇسخىسىدىكى SQL دەرسلىكىنى ئۆگېنەي