XML يۈرۈشلۈك دەرسلىكى

«XML كېڭەيتىلگەن بەلگە تىلى 1988.يىلى 2.ئايدا يۇمشاق دېتال سانائىتى ساھەسىگە كىرگەندە، ئۇ پۈتكۈل ساھەگە غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغان. تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيادا قۇرۇلمىلىق ھۆججەت ۋە سانلىق ئۇچۇرنى ئورتاق ئىشلىتىشچانلىقى، شۇنداقلا ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ھۆججەت تىپى مەيدانغا كەلدى، ئۇنى توربەتكە ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. »

---«Designing With Web Standards Second Edition» ئاپتورى Jeffrey Zeldman

يۈرۈشلۈك دەرسلىكىمىزدە XML نى مۇكەممەل ئۆگېنىدىغان ماتېرىياللارنى تەمىنلەيمىز.

ئاۋۋال ئاستىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئوقۇڭ ياكى سول تەرەپ تىزىملىكتىن ئۆگىنىدىغان مەزمۇننى تاللاڭ!

XML

XML كېڭەيتىلگەن بەلگە تىلى.

ئۇزدىل XML دەرسلىكىمىزدە XML بىلەن HTML پەرقىنى چۈشىنىپ XML نى ئەمەلىي قوللىنىشنى ئۆگېنىمىز.

XML ئۆگېنىشنى باشلاي !

XSL

XSL كېڭەيتىلگەن ئۇسلۇب جەدۋىلى تىلى. XSLT دېگىنىمىز XSL گە ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ دەرسلىكتە XSLT نى ئىشلىتىپ XML ھۆججىتىنى باشقا ھۆججەت تىپىغا ئالماشتۇرۇشنى ئۆگېنىمىز، مەسىلەن XHTML.

XSL ئۆگېنىشنى باشلاي !

XSL-FO

XSL-FO دېگىنىمىز كېڭەيتىلگەن ئۇسلۇب جەدۋەل تىلىنىڭ فورمات ئوبېكتى (Extensible Stylesheet Language Formatting Objects) نى كۆرسىتىدۇ

ئۇزدىل XSL-FO دەرسلىكىدە XSL-FO نى ئىشلىتىپ چىقىرىلغان XML ھۆججىتىنى قانداق فورماتلاشنى ئۆگېنىمىز.

XSL-FO ئۆگېنىشنى باشلاي !

XPath

XPath دېگىنىمىز XML ھۆججىتىدىكى ئۇچۇرنى ئىزدەش تىلى. XPath نى XML ھۆججىتىدىكى ئېلمىنت ۋە خاراكتېرنى ئېرگودىيەلەشكە ئىشلىتىمىز.

XPath دېگەن W3C XSLT ئۆلچىمىدىكى ئاساسلىق ئېلمىنت، شۇنداقلا XQuery ۋە XPointer بىرلا ۋاقىتتا XPath جەدۋىلى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

شۇڭا XPath نى چۈشىنىش يۇقىرى دەرىجىدىكى XML قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى. XPath ئۆگېنىشنى باشلاي !

XLink ۋە XPointer

XLink دېگىنىمىز XML ھۆججىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش قۇرۇش ئۇسۇلىغا ئېنىقلىما بېرىدىغان ئۆلچىمى.

XPointer بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىشلارنىڭ XML ھۆججىتىدىكى تېخىمۇ كۆپ قىسىملارغا يۆنىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.

XLink ۋە XPointer ئۆگېنىشنى باشلاي !

DTD

DTD ھۆججەت تىپى ئېنىقلىمىسىنىڭ رولى XML ھۆججىتىنىڭ قانۇنلۇق قۇرۇلما بۆلىكىگە ئېنىقلىما بېرىدۇ.

ئۇ بىر يۈرۈش قانۇنلۇق ئېلمىنتلار ئارقىلىق ھۆججەت قۇرۇلمىسىغا ئېنىقلىما بېرىدۇ.

DTD ئۆگېنىشنى باشلاي !

XML Schema

XML Schema دېگىنىمىز XML ئاساسىدىكى DTD نىڭ ئورۇنباسارى.

XML Schema تىلى XML ھۆججىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى شەرھىلەيدۇ.

XML Schema تىلى يەنە XML Schema ئېنىقلىمى دېيىلىدۇ. XML Schema Definition ، XSD.

دەرسلىكىمىزدە قوللىنىشچان پروگراممىلاردا XML Schema نى قۇرۇش تىلىنى ئۆگېنىپ، XML Schema نىڭ نىمىشقا DTD دىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ئەمەلىي قوللىنىشچان پروگراممىلاردا XML Schema نى ئىشلىتىشنى ئۆگېنىمىز.

XML Schema ئۆگېنىشنى باشلاي !

DOM

XML ھۆججەت ئوبېيكتى مودىلىنىڭ XML ھۆججىتىنى زىيارەت قىلىش ۋە مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆلچىمى.

DOM ئۆلچىمى XML ھۆججىتىنى شاخسىمان قۇرۇلما شەكلىدە ئىپادىلەيدۇ، دەرەخ يوپۇرمىقىغا تۈگۈن دەپ ئېنىقلىما بېرىمىز.

DOM ئۆگېنىشنى باشلاي !

XForms

XForms كېيىنكى ئەۋلاد HTML فورمىسى.

ئۇزدىل XForms دەرسلىكىدە قوللىنىشچان پروگراممىدا XForms نى ئىشلىتىشنى ئۆگېنىمىز.

XForms ئۆگېنىشنى باشلاي !

WAP

WAP كېىشىمنامىسى كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدىكى سىمسىز تور ئابونت بۆلىكىدە ئېنتېرنىت مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

WML دېگىنىمىز WAP توركۆرگۈچىسىدە كۆرۈنىدىغان بەتنى قۇرىدىغان تىل.

ئۇزدىل WAP دەرسلىكىمىزدە WAP ۋە WML گە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگېنىمىز.

تور بەتنى قانداق قىلىپ ئەپچىل ھالەتكە (pocket format) ئەكىلىپ كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سىمسىز تور ئابونت بۆلىكىدە تېخىمۇ قولايلىق كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆگېنىمىز.

WAP / WML ئۆگېنىشنى باشلاي !