XSL تىلى

ئۇ XSL دىن باشلىنىپ، XSLT، XPath شۇنداقلا XSL-FO دا ئاخىرلىشىدۇ.

XSL دىن باشلىنىش

XSL دېگىنىمىز كېڭەيتمە ئۇسلۇب تىلى (EXtensible Stylesheet Language).

ئېنتېرنىت ئىتتىپاقى (W3C) نىڭ XSL نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، XML ئاساسىدىكى ئۇسلۇب جەدۋىلى تىلىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن.

CSS = HTML ئۇسلۇب جەدۋىلى

HTML ئالدىن بەلگىلەنگەن خەتكۈچ ئىشلىتىدۇ، خەتكۈچنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئاسان چۈشىنىلىدۇ.

HTML ئېلمىنتىدىكى <table> ئېلمىنتى ئارقىلىق جەدۋەلگەن ئېنىقلىما بېرىلىدۇ - شۇنداقلا توركۆرگۈچ ئۇنى قانداق كۆرسىتىشنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.

向 HTML ئېلمىنتىگە ئۇسلۇب قوشۇش ناھايىتى ئاسان. CSS ئارقىلىق توركۆرگۈچكە ئالاھىيدە فونت ياكى رەڭ ئارقىلىق مەلۇم ئېلمىنتنى كۆرسىتىشنى ئۇقتۇرالايمىز.

XSL = XML ئۇسلۇب جەدۋىلى

XML ئالدىن بەلگىلەنمىگەن خەتكۈچ ئىشلىتىدۇ (ئۆزىمىز ياقتۇرغان ھەرقانداق خەتكۈچ نامىنى ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ)، شۇنداقلا بۇ خەتكۈچلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

<table> ئېلمىنتى بىر HTML جەدۋىلى، ئائىلە ئەنجامى ياكى باشقا نەرسىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن - توركۆرگۈچ 不ئۇلارنى قانداق كۆرسىتىشنى ئاڭقىرالمايدۇ.

XSL ئارقىلىق قانداق قىلىپ XML ھۆججىتىنى كۆرسىتىشنى تەسۋىرلەشكە بولىدۇ!

XSL - يالغۇز ئۇسلۇب جەدۋىلى تىلىلا ئەمەس

XSL ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

XSLT
XML ھۆججىتىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىل.
XPath
XML ھۆججىتىدىكى يولباشچىغا ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىل.
XSL-FO
XML ھۆججىتىنى فورماتلاشقا ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىل.

بۇ دەرسلىك ئاساسلىق مەزمۇنى XSLT

دەرسلىكنىڭ باشقا قىسىملىرىدا XSLT - يەنى XML ھۆججىتىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تىل تونۇشتۇرۇلغان.

سىز يەنە ئۇزدىل «XPath دەرسلىكى» ۋە «XSL-FO دەرسلىكى» نى ئۆگېنىڭ.